نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: مەرۋايىت ھاپىز

مەرۋايىت ھاپىز

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

يىپەك يولىدىكى كارۋان — رەسسام مەرۋايىت ھاپىز

 

سىڭلىمىز مەرۋايىت ھاپىز ۋەتەننىڭ شەرقىي دىيارى قۇمۇل ئاستانا كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئېسىنى بىلگەندە ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاسمان بىلەن يەر تۇتاشقان ئۇپۇق سىزىقى كۆرۈنىدىغان، بەش ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقان چەت ۋە ئويمانلىق جايدا ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ھاپىز ئاسىپ قارىي ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىشقا بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتى. ئۆيىدە دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، داپ قاتارلىق ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى بار ئىدى. دادىسى بوش ۋاقىتلىرىدا توختىماي ساز چالاتتى ۋە ناخشا ئېيتاتتى. بەزىدە دادىسى ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتسا، مەرۋايىتنىڭ ئۆيىدىكى ھەممەيلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مەشرەپ بولۇپ كېتەتتى. قىش كۈنلىرى دادىسى دائىم ئۆيدە بولمايتتى. چۈنكى قۇمۇلدا قىش كۈنلىرى ئۆي-ئۆيلەردە ئۆچىرەت بىلەن قۇمۇل كۆك مەشرەپلىرى ئەۋج ئېلىپ كېتەتتى. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، مەرۋايىتنىڭ دادىسى بولمىغان مەشرەپ قىزىمايدىكەن.

مەرۋايىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەكمۇ گۈزەل ۋە مول مېۋىلىك بىر بېغى بار ئىدى. دادىسى تەبىئەتنى ۋە گۈزەللىكنى ناھايىتىمۇ سۆيىدىغان كىشى بولۇپ، باغۋەنچىلىككە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ باھاردىن باشلاپلا پۈتۈن بوش ۋاقىتلىرىنى مېۋىلىك بېغىدا ئۆتكۈزەتتى. ئۇ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان، مېھماندوست، خۇش چاقچاق ئادەم بولغاچقا، ياز كۈنلىرى مەرۋايىتنىڭ ھويلىسىدىن مېھمانلار ئۈزۈلمەيتتى. دادىسىنىڭ دوستلىرى يىراق-يىراق جايلاردىن ئالاھىدە كېلىپ، دادىسى ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى يەپ كېتەتتى. مەرۋايىتنىڭ چوڭ بولغاندا باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، ئۇ چاغلاردا ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاستانە كەنتىدە ئۇنداق گۈزەل ۋە مېۋىلىرى مول بولغان باغ ناھايىتى ئاز ئىكەندۇق. مەرۋايىتنىڭ ياز كۈنلىرىمۇ باغدىن مېۋە توشۇش بىلەن ئالدىراش، ئەمما ناھايىتىمۇ خۇشال ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. ئەپسۇسكى، مەرۋايىتقا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىش بىر ئىش بولسا ئۇ 1977-يىللىرى بىر يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدىن ئۆيىگە تەتىل قىلىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ بېغىنىڭ بىر قانچە تۈپلا مېۋىلىك دەرىخى قاپتۇ. مەرۋايىت بۇ ئەھۋالدىن شۇنچىلىك ئازابلىنىپتۇكى، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكى ئىشنى ئويلىسا مەرۋايىتنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ. دادىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ، ھەسرەت بىلەن مەرۋايىتقا: «كەنت مەسئۇللىرى: كاپىتالىزم يولىغا ماڭدىڭ، بۇرژۇئازىيىچە ھايات كەچۈرۈشكە ئۇرۇندۇڭ، قانۇنسىز باغۋەنچىلىك قىلدىڭ، دېگەن قالپاقلار بىلەن مېنى ئەيىبلەپ، بۇ باغنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى كېسىۋەتتى، قىزىم» دېگەن ھەسرەتلىك ھالىتى مەرۋايىتنىڭ ئېسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئەسلىمىلەر مەرۋايىتنى ھازىرمۇ چوڭقۇر ئازابلارغا باشلاپ كېتىدۇ.

مەرۋايىتنىڭ ئاپىسى بولسا قولى تولىمۇ ئۇز ئايال بولۇپ، توختىماي قۇمۇل كەشتىسى، يەنى دوپپا، ياستۇق بېشى قاتارلىق بەكمۇ چىرايلىق ئۆرنەكلەرنى ئۆزى سىزىپ، ئويۇپ كەشتە تىكەتتى. ئاپىسىنىڭ كەشتىگە ئىشلەتكەن يۇمران رەڭگارەڭ يىپەك يىپلىرى مەرۋايىتنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋېتەتتى. مەرۋايىتنى ئاجايىپ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل بىر تۇيغۇغا باشلايتتى. مەرۋايىتمۇ ئاپىسىنى دوراپ تاملارغا، يەرلەرگە، قەغەزلەرگە توختىماي رەسىم سىزاتتى، تور توقۇيتتى. نەپىس ئىشلارغا بەكلا ھەۋەس قىلاتتى. ئاپىسى ئۇنىڭ ھەۋىسىدىن بەكمۇ سۆيۈنەتتى ۋە قوللايتتى.

ئەگەر ھەر قانداق بىر ئادەم مەرۋايىتتىن: «سىزنىڭ بىر رەسسام بولۇشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورىسا، مەرۋايىت قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ: «مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىن، مەن ياشىغان مۇھىت، شۇنداقلا ئانامنىڭ يۇمران، گۈزەل ۋە ھەر خىل رەڭلىك يىپەك يىپلىرى ۋۇجۇدۇمغا سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى سالدى».

مەرۋايىت 1976-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقىدا شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ رەسساملىق كەسپى ئىمتىھانىدا پەۋقۇلئاددە تاللانغان ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە تاللىنىپ ئوقۇشقا كىردى. 1979-يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى (Lan Zhou) گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس ماي بوياق كەسپى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىندى. 1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوئۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1991-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىشلەش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنيا رەسسامچىلىقىنىڭ ھەر خىل ئېقىملىرى ۋە ھەر خىل ئىلغار رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان بىر ئىجادىي روھ ۋە ئىجادىي پىكىر يارىتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ھەقىقىي ئۆزىگە خاس بولغان بىر رەسىم سىزىش ئىستىلى يارىتىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىزدەندى. شۇ جەرياندا ئۇ «مېنىڭ بۆشۈكۈم»، «ھاپىزلار»، «قۇياش ۋە ئىنسان»، «مەن پەقەت مەن»، «ياشانغان بىر جۈپ» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرىنى سىزدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئارقىمۇ ئارقا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كۆپلىگەن كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، رەسساملار ساھەسىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىدى. مەرۋايىت نۇرغۇنلىغان گېزىت-ژۇرناللاردا مەخسۇس بەتلەر ئاجرىتىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.

1992-يىلى قازاقىستان ئالمۇتا دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. 1994-يىلى خىتاي مەخسۇس ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان «يالقۇن تاغ ئېتىكىدە» ناملىق ماي بوياق رەسىمى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشى بىلەن بېيجىڭدىكى خىتاي سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى ۋە مەخسۇس ئىشلەنگەن توپلامغا كىرگۈزۈلدى.

1994-يىلى مەرۋايىتنىڭ نەتىجىلىرى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن مەخسۇس فىلىم قىلىپ ئىشلەپ تونۇشتۇرۇلدى. 1995-يىلى «شىنجاڭ» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقئارا خىتايچە بۆلۈمىدە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ تونۇشتۇرۇلدى. شۇ يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىدا مەرۋايىت ئۈچۈن مەخسۇس كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەسىملىرى قۇمۇل دىيارىغا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كەسپىي نەتىجىلىرى كەسپىي ساھەدە ۋە جەمئىيەتتە چوڭ تەسىر قوزغاشقا باشلىدى. شۇنداق بولغان بولسىمۇ، مەرۋايىت يەنىلا بۇ كەسىپكە بولغان چەكسىز سۆيگۈ ۋە ئىشتىياقى، شۇنداقلا تېخىمۇ يۈكسىلىش ئارزۇسى بىلەن، شۇنداقلا ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان رەسساملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دۇنياغا مەشھۇر رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى ساقلانغان، سەنئەت خەزىنىسى بولغان ياۋروپاغا كېلىپ، ئۆزىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى بىلەن 1996-يىلى ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان گېرمانىيەگە كەلدى.

مەرۋايىت گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىرەر كۆرگەزمە ئېچىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئۇنتۇلغان بىر مىللەتنىڭ سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ بىر ئاسانراق يول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە سەنئەتكارغا خاس ئىجادىي روھىنى گېرمانىيە جەمئىيىتىگە بىلدۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردى. ئەڭ ئاخىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق كۆرگەزمىلىرىنىڭ باش تېمىسىنى «يىپەك يولىدىكى كارۋان» دېگەن سۆز بىلەن باشلاش قارارىغا كەلدى.

مەرۋايىت 2000-يىلى ميۇنخېندىكى گېرمانىيە دۆلەتلىك پىسخولوگىيە بىناسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان 45 پارچە ماي بوياق رەسىمى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ رەسىملىرى ياۋروپالىقلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى نەتىجىلىك بىر كۆرگەزمە بولدى. مەرۋايىت بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە كەسپىگە نىسبەتەن يېڭىدىن كۈچلۈك ئىشەنچكە ئېرىشتى. بولۇپمۇ شۇ قېتىملىق كۆرگەزمە مەرۋايىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان رەسىملەرنى داۋاملىق سىزىشىغا بىر مۇھىم تۈرتكە بولدى.

مەرۋايىت سەنئەت دۇنياسىدىكى ئەۋزەللىكلەرگە چوڭقۇر ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، توختاۋسىز ھالدا رەسىملىرىنىڭ بەدىئىيلىك قىممىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى. نۇرغۇن رەسساملار ۋە رەسىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەسلىھەتلىرى ۋە ياردەم قىلىپ يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىلىرىنى ئاچتى. مەرۋايىتنىڭ سەنئەت نەتىجىلىرى ۋە كۆرگەزمىلىرى گېرمانىيەنىڭ مۇھىم مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن قېتىم خەۋەر قىلىندى ۋە تونۇشتۇرۇلدى.

ۋەتەندىن 15 مىڭ كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان ياۋروپادا ياشاپ، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ھىجران ئازابى مەرۋايىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلەرنى يارىتىش ھېسسىياتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇ 2003-يىلى ۋەتەنگە بېرىش رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ بولالمىغانلىق سەۋەبتىن، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېغىنىش ۋە ۋەتەن ھىجران ئازابى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيادا بىر ئالاھىدە ساياھەتنى باشلىدى. مەرۋايىت ئۇ يىلىنى ئىجادىي پىكىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرى دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق، ئۇ روھىي كارۋانلىرى بىلەن ساياھەتنى تەكلىماكاندىن باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ يۈكسەك ھېسسىيات ۋە چوڭقۇر پىكىرگە ئىگە بولغان، شۇنداقلا يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولغان سەككىز پارچە ماي بوياق ئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. «تەكلىماكان»، «كارۋان»، «قىزىل تاغ»، «بازار»، «باھار»، «ساتىراش»، «قىزىل چاي» ۋە «قەدىمىي كوچا» قاتارلىقلار. ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلھامىنى شەكىل ۋە بوياق بىلەن ئىپادىلەپ بولالمىغان كەيپىياتى تۆۋەندىكى مىسرالار بىلەن ئارام تاپتى:

 

«كارۋان

مەن بىر سارايسىز كارۋانمەن،

قار-يامغۇرلۇق تاغۇ-دەريالاردا ۋەيرانىمەن.

چۆل-جەزىرىلەردە سەرسانىمەن،

خەلقىم ئىشقىدا مەستانىمەن.

 

قەدىمىي كوچىلاردا بىز قېنى دەپ،

شۇ خارابىلىقلاردىكى روھانىمەن.

روھانىمەن، روھانىمەن،

روھۇم كەبى ۋەتەن ھىجرانىدا لەيلانىمەن.

 

2003 -يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، گېرمانىيە»

 

2005-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە زامانداش رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆرگەزمىگە مەرۋايىتنىڭ «قۇياش ۋە ئىنسان» ناملىق ئەسىرى تاللىنىپ، ميۇنخېندىكى چوڭ سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، رەسساملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەرۋايىتنىڭ ئەسەرلىرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆرگەزمىگە تاللىنىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا. شۇنداقلا ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەر يىلى بىر قېتىم چىقىرىلىدىغان «رەسىم توپلىمى»غا كىرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا.

2013- ۋە 2014-يىلى گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ كۆرگەزمىگە مەرۋايىتنىڭ رەسىملىرى تاللىنىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ھازىر ئۇ گېرمانىيە ميۇنخېن زامانداش رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

2010-يىلى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر رەسساملىرى (تۈركسوي) جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەرۋايىت ئىستانبۇلدا 18 تۈركىي مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان رەسساملار بىلەن بىللە رەسىم سىزدى ۋە ئۇ رەسىملىرىمۇ ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. مەرۋايىتنىڭ «قەشقەر» ناملىق ئەسىرى «يىپەك يولى شائىرلىرى» توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. مەرۋايىت 2013-يىلى خەلقئارا سەنئەت كولونىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىستانبۇلدا سىزغان «ئۆيىگە قايتىش» ناملىق ماي بوياق رەسىم تۈركىيە خەلقئارا سەنئەت كولونىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەنقەرە «پورت ئارت» سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇ رەسىمى يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشى بىلەن 2014-يىلى ئىستانبۇل مۇستاپا كامال مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى ۋە شۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن «رەسىم توپلىمى»غا كىرگۈزۈلدى.

يىراق قىرلاردا تۇرۇپ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ھىجرانى، شۇنداقلا ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ھەمدە ئۆز يۇرتىغا بولغان سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتى مەرۋايىتنىڭ ئۆز رەسىملىرىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىنى، ۋەتەننىڭ تاغۇ-دەريالىرىنى، قەدىمىي كوچىلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىشىگە تېخىمۇ زور تۈرتكە بولدى. مەرۋايىت 2009-يىلى تۇرپان تۇيۇققا چۈشكىنىدە شۇ تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ۋە قەلبىدە ئاتەش كەبى يالقۇنجايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى، ئۇ زېمىننى چوڭقۇر ۋە چەكسىز سۆيىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. شۇ قەدىمىي تاملارغا سەنئەتكار، بىر پارچە كېسەك بولۇپ قاتۇرۇلۇپ كەتكۈسى كەلدى. مەرۋايىت 2011-يىلىدىكى گېرمانىيە پىسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەخسىي كۆرگەزمىسىنىڭ تەكلىپنامە ۋارىقى ئۈستىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى گېرمان تىلى بىلەن يازدى:

«ۋەتەندىكى شۇ قەدىمىي تاملارغا بىر پارچە كېسەك بولۇپ قوپۇرۇلۇپ كەتكۈم كېلىدۇ...»

چۈنكى بۇ مەرۋايىتنىڭ ئىجادىي روھى. شۇ قېتىم مەرۋايىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھاياتى، قەدىمىي كوچىلار ۋە ئۆيلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 52 پارچە ماي بوياق رەسىمى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر كۆرگەزمە ئاچتى.

مەرۋايىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي روھىنى، ئىجادىيەت ئىدىيەلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنى ھېچقانداق ئىككىلەنمەي تۇرۇپ مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «سەنئەت — روھ، سۆيگۈ ۋە ھىجران».

سانسىزلىغان دۇنيا رەسىم ھەۋەسكارلىرى مەرۋايىتتىن ھەيرانلىق ئىچىدە: «سىز ۋەتەندىن ئايرىلغىلى شۇنچە ئۇزۇن يىل بولسىمۇ، ئەسەرلىرىڭىز سىز ئۇلارنى خۇددى شۇ زېمىندا تۇرۇپ سىزغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇش پۇرىقى شۇنچە كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئىلھاملارنى سىز نەدىن ئالىسىز؟» دەپ سورايدۇ. مەرۋايىت ئۇ سوئاللارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ئىلھامنىڭ نەدىن، قانداق ۋاقىتتا، قانداق مۇھىتتا، قانداق ۋەزىيەتتە، قانداق ئەھۋالدا ۋە قانداق كەيپىياتتا كېلىدىغانلىقىغا ھېچقانداق بىر ئىجادكار ئېنىق ۋە كەسكىن جاۋاب بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن. بىز "ئىلھامىم بار، ئىلھامىم يوق" دېگەندەك ئاددىي جۈملىلەر بىلەن ئاتايمىز. مەن ئىلھامىمنى ۋەتەن ھىجرانى، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ روھىدىن ئالىمەن دېسەم، بەزىدە ئىلھامنى "تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرى" دەيمەن. يەنە بەزىدە مەن ئىلھامنى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۇيغۇ-جەۋھەرلىرىنىڭ ساداسى دەپ قارايمەن».

مەرۋايىت مۇنداق دەيدۇ: «ۋەتەن ھىجرانىدا قىلغان سۆزلىرىم ۋە سىزغان ئەسەرلىرىمنى ۋەتەننىڭ تاشلىرىغا ئابىدە قىلىپ ئويۇۋەتكۈم كېلىدۇ».

مەن سىڭلىمىز مەرۋايىت بىلەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا بىر قېتىمدىن بىللە بولۇپ، ئۇ سىزغان ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆردۈم. مەرۋايىت ئۆزى سىزغان بىر قانچە پارچە رەسىمنى ماڭا سوۋغات قىلىشتەك شەرەپكىمۇ ئېرىشتىم. گەرچە مېنىڭ رەسساملىق ئىلمىدىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۇ سىزغان رەسىملەردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن سىڭلىمىز مەرۋايىتنىڭ خەلقئارالىق رەسسامچىلىق سەھنىسىدە بىر ئۇيغۇر رەسسامى بولۇپ ، ئۆزىنىڭ چامىسى يەتكەن دائىرە ئىچىدە دۇنيا خەلقىنى «ئۇيغۇر» دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىدىن ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ مەرۋايىتتەك تالانتلىق كىشىلىرىمۇ بارلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈۋاتقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

 

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

 مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150427_chetel_uyghur9.htm?fbclid=IwAR3vG2sf_t-Q_MmpTRhKTyUqpiwUNXSf9T_yrLZYqYj7E3cFaXNLU03YzdU

بۇ خەۋەر 9674 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2020 00:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق