ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايونلۇق» ئاخبارات ئىشخانىسى 20-يانۋار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى يالغان-ياۋىداقلار ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي خەۋەر تورى بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سوئال-جاۋابلار ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ ئەھۋالىنى چۆرىدەپ داۋام قىلغان.
يىغىندا ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچى ئېلىجان ئىنايەت بالىلارنى يىغىۋېلىپ، ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇش ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك پەرزەتلىرىگە قاراپ بولالمىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياتاقلىق مەكتەپكە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ شارائىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، خالىغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالايدىغانلىقىنى، مەجبۇرلىغان ئەھۋالنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان.
بىر مۇخبىر ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى سەۋەبلىك ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ توڭلاپ قالغان، قار ئاستىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان، يۈزىنى قايناقسۇدا كۆيدۈرۈۋالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر پەرزەنتى ھەققىدە سورىغىنىدا، باياناتچى بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەزەلدىن لاگېرغا كىرىپ باقمىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىخەستەلىكى سەۋەبلىك بۇ پاجىئەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇخبىر يەنە ئاتا-ئانىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغىنىدا، خىتاي باياناتچىسى بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەزەلدىن لاگېرغا قامالمىغانلىقىنى، ئالاقىسىنىڭمۇ ئىزچىل ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكنى ئېيتىپ، نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى باشتىن-ئاخىر ئىنكار قىلىش يولى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە يەنە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، ئېكرانغا چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان.