خىتاي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى 21-يانۋار خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ (ئىنتېرپول) سابىق باشلىقى مېڭ خۇڭۋېيگە قارىتا سوت ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭغا 13 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

ب ب س تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مېڭخۇڭۋېي 2018-يىلى 9-ئايدا خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان. بىر ئايدىن كېيىن خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ قېتىملىق سوتتا مېڭ خۇڭۋېي پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئىككى مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئايالى بۇرۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنى قولغا ئېلىشىدا سىياسىي مەقسەت بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇلتۇر 5-ئايدا فىرانسىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 448 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 19:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق