خىتاي ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلدى

خىتاي ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلدى
23-يانۋار گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سارس كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن.
ۋۇخەن كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق مەركىزى تۈنۈگۈن كەچتە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەھەردىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شەھەر ئاھالىسى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا شەھەردىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئايرودروم ۋە ۋوگزاللارنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىدىغانلىقىنى، شەھەرنىڭ بارلىق ئامىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش قارارىنىڭ 23-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن ۋۇخەن ئاھالىسى تۇرمۇش لازىمەتلىرى ۋە ماسكا سېتىۋېلىشقا ئالدىرىغان بولۇپ، دۇكانلاردىكى ماللار يېتىشمەي قالغان ۋە قۇرۇقدىلىپ كەتكەن. بارلىق كىشىلەردە ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋابا خىتايلارنىڭ شەپەرەڭنى شورپا قىلىپ يېگەنلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ۋە خىتاي بۇ خىل سارسقا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋابانى خېلى بۇرۇن بايقىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇچۇرنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىپ كېتىشىنى قاتتىق تىزگىنلىگەن. ئاخىرىدا ۋابا تارقىلىپ، ئالدىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالغاندا خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 580 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 20:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق