ۋۇخەندىكى ۋابا خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە تېزلىكتە يامرىدى

ۋۇخەندىكى ۋابا خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە تېزلىكتە يامرىدى
24-يانۋار ئامېرىكا ئاۋازى تورى ۋە خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەندە تارقالغان ۋابادا 800دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى، 25 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە تۈنۈگۈن ۋۇخەن شەھىرىدىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋابانىڭ يەنە ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە تېزلىكتە يامرىغانلىقى سەۋبلىك 24-يانۋار چۈشتىن باشلاپ جىڭجۇ شەھىرىدىكى پويىزنىڭ قاتناشتىن توختىلغانلىقى، چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە ۋۇخەنگە تەۋە يەتتە ناھىيە ۋە رايوندا بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋە يۈك توشۇشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ساقلىقىنى ساقلاش كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس 24-يانۋار ئەتىگەنگىچە خىتايدىكى شەھەر ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئۆلكىگە تارقالغان. 830 كىشىنىڭ بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئىككى خىتاينىڭ بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن شەھىرىدە بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىلغانلىق سەۋەبلىك تاللا بازارلىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەر يېتىشمەي، ئىنتايىن قىممەتلىشىپ كەتكەن. بىر كىلوگىرام پەمىدۇر 30 سومغا، بىر كىلوگىراملىق ھورنان 30 نەچچە سومغا چىققان. تاللا بازارلىرىدا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى يېتىشمىگەنلىكتىن، خېرىدارلار تالىشىپ ئۇرۇشۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. دوختۇرخانىلار كېسەللەرنى سىغدۇرالمىغان بولغاچقا، دوختۇرخانا كارىدورلىرى ئادەمگە تولۇپ كەتكەن. ھەتتا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ھۇشىدىن كەتكەنلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان. دوختۇرلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، يۇقىرىغا شىكايەت قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كېسەللىك ۋىرۇسى 1-يانۋار تۇنجى قېتىم بايقىلىپ، 8-يانۋارغا كەلگەندە كېسەلنىڭ خەتەرلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى بۇنى سىرتقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، باستۇرۇپ قويغان. ۋۇخەندە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بار بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلار 12-يانۋار تەتىلگە قويۇۋېتىلگەن. نەتىجىدە كېسەللىك ۋىرۇسى خىتاينىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە تېزلىكتە يامرىغان.

بۇ خەۋەر 540 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2020 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق