ۋۇخەندە تارقالغان ۋابادا 90 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

25-يانۋار ۋۇخەندىكى خاڭكۇ رايونلۇق دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان جىخۈي ئىسىملىك دوختۇر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئاشكارىلاپ: «ۋۇخەندە ھازىرغا قەدەر ۋابا بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 90 مىڭغا يەتتى. بىر ئادەم يۇقۇملىنىپ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا، ئەتراپىدىكى 14 ئادەمگە يۇقتۇرىدۇ. شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ سىرتلارغا چىقماسلىقىنى، بىر يەرگە يىغىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن. ۋۇخەندە داۋالاش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېتىدىغان ماتېرىيال يېتىشمەيۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەر قىلىپ داۋالاش ماتېرىيالى يادەم قىلىش پائالىيىتىنى باشلاش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت ۋۇخەندە ۋابا بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئالتە مىڭغا يەتكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ 26گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئاۋازى تورىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 گە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلارغا ئاساسلانغاندا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى خىتاي بەرگەن مەلۇماتلاردىكى ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كوچىدا يىقىلىپ قالغان كىشىلەر بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، دوختۇرخانا ئىچىگە كىرەلمىگەن كىشىلەر سىرتلاردا يىقىلىپ ياتقان، بەزى رايونلاردا يىقىلىپ قالغان كىشىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنسى بىلەن ئېلىپ ماڭغان، ئەمما بىر قىسىم رايونلاردا كوچىدىكى ئۆلۈكلەرنى يىغىدىغان ئادەم چىقمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى»، «نۇر گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايلار تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلىغان ئالاھىدە پەيتتىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولغان. خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەلق ئۆلۈۋاتسىمۇ خەلقى ئالەمدىن يوشۇرۇشقا تىرىششى خىتاينىڭ رەھىمسىزلىكتە دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەندىكى بەزى دوختۇرخانا باشلىقلىرى قېچىپ كەتكەن. بىر قىسم دوختۇرلار ئىستېپا سوراپ، خىزمەتتىن كېتىپ قالغان. خىتاي كونترول قىلىۋالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك بىر قسىم رايونلاردا تورنى توختاتقان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە ۋۇخەن دائىرىلىرىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى ئايرىپ داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دوختۇرخانا سېلىشقا باشلىغانلىقى، دوختۇرخانا كۆلىمى 25 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مىڭ كېسەل كارىۋىتى قويغىلى بولىدىغانلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ 3-فېۋرال پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1009 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق