زەيتىنبۇرنۇدا «مىللەتنى تونۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

24-يانۋار ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاق دېڭىز زالىدا «مىللەتنى تونۇش» تېمىسدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى باشلىغان پېشۋالارنىڭ تارىخى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى پەرزەنتلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە دەۋا ئىدىيەسىنى نەقىش قىلىپ ئويۇشنىڭ، ياخشى دەۋا ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ  تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە مۇھاجىرەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى باشلىغان ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇد سەبىرى قاتارلىق پېشقەدەملەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تارىخى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1220 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق