خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت توختىتىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

25-يانۋار خىتاي سىنا خەۋەر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك ساياھەت بىرلەشمىسى خىتاي تەۋەلىكىدىكى بارلىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ كوللېكتىپ ساياھەتكە تەشكىللەشنى ۋاقىتلىق توختىتىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەت جەمئىيەتلىرى ۋە ساياھەت شىركەتلىرى بىردەك ساياھەتكە تەشكىللەشنى، مېھمانخانا ۋە بېلەتچىلىك تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى كېرەك. ئاللىبۇرۇن كوللېكتىپ ساياھەتكە چىقىپ كېتىپ بولغان ساياھەتچىلەر كېلىشىمگە ئاساسەن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. ساياھەت توختىمىدىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشى، تەلەپ بويىچە دۆلەت ئىچى ساياھەت كەسپى ۋە مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان شىركەت ۋە كوللېكتىپلار 24-يانۋار بىردەك تىجارىتىنى توختىتىشى كېرەك. چەتئەلگە كوللېكتىپ ساياھەتكە چىقماقچى بولغان ساياھەتچىلەر 27-يانۋارغىچە ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. بىراق 27-يانۋاردىن باشلاپ چەتئەلگە توپلىشىپ ساياھەتكە چىقىدىغان بارلىق ساياھەتچىلەر، ساياھەت ۋە مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كوللېكتىپ ۋە شىركەتلەر ساياھەت ۋە تىجارەتنى ۋاقىتلىق توختىتىشى كېرەك.

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 20:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق