خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت 25-يانۋار مالايشىيانىڭ قادېھ ۋىلايىتى پائالىيىتىدىكى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پىنىن ۋىلايىتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
ئۆمەك 25-يانۋار يەنە مالايشىيادىكى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كىلىنتا ۋىلايتىنى زىيارەت قىلىدى. زىيارەتتە ئىسلام پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر نەچچە يەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلاردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى يىغىۋېلىپ كۆيدۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەپلىسىي تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1050 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2020 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق