خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.
ھەيئەت 26-يانۋار ئەتىگەن مالايشىيادىكى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تىرانگانۇ ئىشتاتىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى تىرانگانۇ ئىشتاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىسلام پارتىيەسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت نۇرھەمزە ۋە ئىشتاتلىق مەھكىمە شەرئىي مەسلىھەتچىسى، ئىشتاتلىق ئىستراتېگىيە-تەرەققىيات بۆلۈمى رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلەر تىرانگو ئىشتاتى دۆلەت سارىيىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
ھەيئەت يەنە مالايشىيانىڭ مەخسۇس دىنىي قانىلى بولغان «ھىجرەت» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۇزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، مەسچىتلەرنى تاقاش، چېقىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
ھەيئەت ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ۋە زىيارەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ كۆپ بولۇشى سەۋبلىك ئىككىگە بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلدى. پائالىيەتتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، يىغىلىشلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، باشتا ئۆلىمالار، قارى قۇرئانلار ۋە زىيالىيلارنى نىشان قىلىپ باستۇرغانلىقىنى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلاردىن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

 

بۇ خەۋەر 1082 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2020 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق