خىتايلار: ۋۇخەن دوزاخنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قالدى

خىتايلار: ۋۇخەن دوزاخنىڭ ئۆزىگە ئوخشاپ قالدى

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا تارقالغان ۋابانى كونترول قىلىش ئۈچۈن ۋۇخەن شەھىرىنى ئىچى-سىرتىغا تاقىۋەتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتايلار تور ئارقىلىق ۋۇخەندىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بىر ۋۇخەنلىك خىتاي 25-يانۋار يۇتيۇبقا يوللىغان سىندا ۋۇخەننىڭ ۋەزىيىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ۋۇخەندىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى، شەخسىي ماشىنىلارنى ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، جىددىي ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارغا توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا بارغان ساق كىشىلەرنىڭمۇ يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭمۇ پەقەت بىر قىسىم ئادەتتىكى ئاسما ئوكۇللارنى ئىشلىتىشتىن باشقا ئامالى قالمىغانلىقىنى، بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ يېڭى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولغان بىمارلارنىمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئايرىپ داۋالاشتەك ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشقا بۇيرۇپ قويغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي تاراتقۇلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 50 نەچچە دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېرىشكەن تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خەتەرلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى خىتايلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەلەپ سۇنۇشقان.

بۇ خەۋەر 481 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2020 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق