خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» داۋاملاشماقتا

زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تۇنگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسى كۈچىيىشكە باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇندىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئىچكى موڭغۇلدىكى يەرلىك دائىرىلەر ھەرقايسى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنى ۋىۋىسكا ۋە تاملاردىكى، ھەتتا قاچا-قۇچىلاردىكى ئەرەبچە خەتلەرنى، ئىسلامىي بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولغان دوڭشېڭ مەسچىتىمۇ مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلىپ، قۇببىلىرى ۋە ئەزان مۇنارى چېقىۋېتىلگەن. ھىلال ئاي بەلگىسىمۇ ئېلىۋېتىلگەن.
ئۇندىن باشقا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې شەھىرىدىكى مەخسۇس قۇرئان ئۆگىتىپ، ئىماملارنى تەربىيەلەيدىغان، 30 يىللىق تارىخقا ئىگە شەخسىي مەكتەپمۇ بۇلتۇر 11-ئايدا تاقىۋېتىلگەن. ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدىۋېتىلگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇنگان مۇسۇلمانلار كېيىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇس دەپتىرىنى ئالماشتۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى توشقۇزىدىغان جاينى «دىنسىز» دەپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 510 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق