خەلق دېپلوماتىيەسى ھەرىكىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دېپلوماتىيەسى پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مېدىيا مەسئۇلى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي 20-يانۋار مالايشىيادىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

ھەيئەتنىڭ زىيارىتى 30-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مالايشىيا خەلقىگە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش ۋە خەلق دېپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش.

ھەيئەت مالايشىيانىڭ تىرانگانۇ ئىشتاتىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 28-يانۋار كۇئالالۇمپۇرغا قايتىپ، زىيارەت پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەيئەت جامەدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

ھەيئەت 29-يانۋار مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىرلىك شۇرا رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئەزمى بىن ئابدۇلھەمىدنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى دوكتور مەھەممەد ئەزمى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەيئەت دوكتور مۇھەممەت ئەزمى بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا دوكتور دوكتور مۇھەممەد ئەزمى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىگە تەۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، مالايشىيا دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئالاقىدار مۇھىم شەخسلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەتنىڭ 27-يانۋار مالايشىيادىكى ئىسلام پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تىرانگانۇ ئىشتاتىدا قىلغان زىيارىتى مالايشىيادىكى بىر قىسم تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مالايشىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامىي جامائەتلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
29/01/2020 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق