قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالازىغدىكى ئاپەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالازىغدىكى ئاپەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايىتىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئەلشىر ناسىراخۇن جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ ئالازىغدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «قىرغىزىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن بارلىق تۈركىيە خەلقىگە سالام يوللايمەن. سىلەر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا قاتتىق ئازابلاندۇق. ئېغىر كۈنلەردە ماددىي ياردەم قىلالمىساقمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن سىلەرنى قوللايمىز. بىز قىرغىزىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلار سىلەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسۇن! ئاللاھ سىلەرنى بارلىق بالا-قازالاردىن ساقلىسۇن! تۈركىي مىللىتىدىن بولغان 300 مىليون قېرىندىشىمىزنى ئاللاھ ئامان قىلسۇن! ئاللاھ بىر-بىرىمىزنىڭ قەلبى ۋە نىشانىنى بىردەك قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن!»

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق