پاكىستان خەلقى خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

پاكىستان خەلقى خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

29-يانۋار پاكىستاننىڭ گىلگىت ئۆلكىسىدىكى خەلق خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان.
بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا گىلگىت خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە سىن تارقالغان. سىندا خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن خەلق ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ پاكىستانغا، جۈملىدىن گىلگىتقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىققا چاقىرغان.
پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كېلەركى ئاينىڭ 8-كۈنى خىتايدىن 186 كىشىلىك ئالدىن تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گىلگىتقا كېلىشكە باشلايدىغانلىقىنى، 3-ئايدا گىلگىت يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى، خىتايلار گىلگىتقا كىرسە، خىتايدا يامراپ كېتىۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنىڭمۇ پاكىستانغا كىرىشكە باشلايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ گىلگىتقا كىرىشىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ۋابا يامراپ كەتسە، گىلگىت خەلقىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككىنجى كۈنىمۇ نامايىش مەيدانىدىن كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان يېقىندا ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، دىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئوردۇ تىلىدا تارقىتىلغان بۇ پىروگرامما پاكىستان خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆمەرخانغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللاردىن ھازىرغىچە خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2020 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق