ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىر ئۆمەك رەفاھ پارتىيەسنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بىر ئۆمەك رەفاھ پارتىيەسنى زىيارەت قىلدى

29-يانۋار شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت يېڭى رەفاھ پارتىيەسى زەيتىبۇرنۇ شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى شۆبە رەئىسى ئونۇر دولار ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى، شۇنداقلا رايوندىكى قىلىنىۋاتقان ۋە قىلىنماقچى بولغان پائالىيەتلەر قاتارلىق مەسىلىلەر مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1457 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2020 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق