خىتايلار ئۆلۈكلەرنى يۆتكەشتىمۇ قىينالماقتا

خىتايلار ئۆلۈكلەرنى يۆتكەشتىمۇ قىينالماقتا

يېقىندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، ئىچىدىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەر بېرىۋاتقان چېن چيۇشى ئىسىملىك خىتاي بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋۇخەندىكى دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ھەتتا تېلىفونىنىمۇ يىغىۋالغان.
دوختۇرخانىلار ھازىرمۇ بىمارلارغا تولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت تەكشۈرتۈش ئۈچۈنلا سائەتلەپ ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. كارىۋات ۋە دوختۇرلار زور دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، تەكشۈرۈش قەغەزلىرىمۇ يېتىشمەي قالغان. قاتناش پۈتۈنلەي توختىغاچقا، كىشىلەر دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ قالغان تۇغقانلىرىنى يۆتكەپ كېتىشكىمۇ ئامالسىز قالغان.
ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋۇخەنلىكلەر ئېغىر كەمسىتىشكە ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم جايلاردا خىتايلار ۋۇخەندىن قايتقانلار بار ئۆيلەرنىڭ
ئىشىكىنى تاختايلار بىلەن مىخلاپ توسۇۋەتكەن. ھەتتا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر خىتاي ۋۇخەندىن قېچىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 11800گە، ئۆلگەنلەر 260قا يەتكەن.

https://www.facebook.com/alimjan.abdurahman/videos/2749412761818244/UzpfSTEwMDAwMjQ4NjQyNjYxMjoyNzQ5NDE5NDQxODE3NTc2/

https://www.facebook.com/alimjan.abdurahman/videos/2749412761818244/UzpfSTEwMDAwMjQ4NjQyNjYxMjoyNzQ5NDE5NDQxODE3NTc2/
بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2020 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق