خىتايغا قوشلاپ ئاپەت كەلدى

خىتايغا قوشلاپ ئاپەت كەلدى
3-فېۋرال خىتاي جۇڭشىن تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى چىڭ بەيجاڭ رايونىدا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى سائەت 00:05 تە چېڭدۇ شەھىرى چىڭ بەيجاڭ رايونى بىلەن جىنتاڭ ناھىيەسى چېگرالىنىدىغان رايوندا (شىمالىي كەڭلىك 30.74 گىرادۇس، جەنۇبىي ئۇزۇنلۇق 104.46 گىرادۇس، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 22 مىڭ مېتىر) 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. بىر قىسىم ئۆيلەر بۇزۇلغان ھەمدە توك ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. ئەمما ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار خەۋەر قىلىنمىغان.
سىنا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېڭدۇ شەھىرى جىددىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دائىرىلىرى 6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2-فېۋرال خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى پۇتيەن شەھىرىدىكى جەنۇبىي بازاردا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە ئوت ئاپىتى تىزگىنلەنگەن بولۇپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى خەۋەر قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 563 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق