نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: مۇختەر ئوسمان

مۇختەر ئوسمان

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

ئەنگلىيەگە 1940-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە باش مىنىستىر بولغان ۋىنستون چېرچىل (Winston Churchill) مۇنداق دېگەن[1]: «ئادەم ئۆز بېشىغا كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرگە پەرۋا قىلماي، يولۇققان توسالغۇ، خېيىم-خەتەر ۋە بېسىملارغا پەرۋا قىلماي، ئۆزى قەتئىي قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. مانا بۇ بارلىق ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئاساسىدۇر».

مەن يېقىندا «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمامدا ئامېرىكىدىكى مايكېل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. مايكېل مۇنداق دەيدۇ[2]: «ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئۇ ئۆزىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى».

ئاشۇ مايكېل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە 2015-يىلى 17-ئىيۇن كۈنى «قورقۇشنى رەت قىلىڭ» دېگەن تېمىدا بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى مۇنداق[3]: «ئەگەر بىز قورقۇشنى رەت قىلساق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. مەيلى ئاغرىق بولسۇن، مەغلۇبىيەت بولسۇن، ياكى بىرەر ئىشتا رەت قىلىنىش بولسۇن، ئاشۇنداق ئىشلاردىن كېلىپ چىققان ئەندىشە ياكى قورقۇش بىر خىل زەھەرلىك ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ كۆڭلىمىزدە بىر خىل ئالۋاستىلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئالۋاستىلار بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچلىرىمىزنى يەپ تۈگىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشتىن توسىدۇ، ياكى بولمىسا بەزىدە بىزنىڭ ئۆز قابىلىيىتىمىزنى سىناپ بېقىشىمىزغىمۇ يول قويمايدۇ.

مەن بىر قانۇن پىروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار بىلىمىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىدىن مەغلۇپ بولمىدى، بەلكى ئۇلاردىكى ئەندىشە ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياكى ئۆزلىرىدىكى بىلىملەرنى سىرتقا تولۇق چىقىرىش قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن شۇنداق بولدى.

كۆپىنچە قانۇن كەسپى ئاسپىرانتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئېگىز بوشلۇققا ئېسىپ قويغان بىر دانە تاختايدىن مېڭىپ ئۆتۈشتىن تەس ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ھېلىقى تاختاي ھاۋا بوشلۇقىغا ئېسىپ قويۇلغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئۇ تاختايدىن ئۆتۈشنى بىر خىل ھايات-ماماتلىق ئىش دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە نورمال ماڭالمايدۇ. بۇ يەردە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەت نېمە؟ ئۇ ئوڭايسىزلىنىشمۇ؟ قولايسىزلىقمۇ؟ ياكى چىقىممۇ؟ ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇھىم ئەمەس.

قورقۇشنىڭ دورىسى توغرا ھۆكۈمدۇر. سىز قورققان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، سىز ئۇلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايسىز».

مايكېل جوسېفسوننىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، قورقۇش ياكى ئەندىشە ئەسلىدە بىر ئەرزىمەس نەرسە. بىز پەقەت كۆڭلىمىزدىكى ئەندىشىنى يوقىتىپ، ئۆز-ئۆزىمىزگە تولۇق ئىشەنگەندىلا، ئاندىن مەلۇم بىر مەنزىلنى كۆزلەپ سەپەرگە ئاتلىنالايمىز. بىز پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا مەلۇم بىر غايىمىز ئۈچۈن يۇقىرىدا ۋىنستون چېرچىل ئېنىقلىما بەرگەندەك ئىرادە بىلەن توختاۋسىز ئەجىر سىڭدۈرەلەيمىز.

 

ئىستاتىستىكا دوكتورى مۇختەر ئوسمان

 

ئەجىر ھامان يەردە قالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقانلار ھامان ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ياش يىگىت دەل شۇ تىرىشچانلىق روھى ۋە ئىرادىسى بىلەن ياشلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىپتىخارلىق ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ بولسىمۇ ھازىر ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئەمجىن (AMGEN) شىركىتىدە باش بىئوئىستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى (Principal Biostatistician) بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىنىمىز دوكتور مۇختەر ئوسماندۇر. ئەمجىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىئو پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەت ئاساسلىقى تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى ۋە ئىممۇنېتىت كېسەللىكلىرىنىڭ داۋاسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەتقىقات ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 17000 دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمى بار بولغان بۇ شىركەتتە بۇ يىگىتىمىزنىڭ بىر كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىغان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دوكتور مۇختەر ئوسمان 1980-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا پەن-تېخنىكىغا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى. نەچچە ئون يىللىق مائارىپچىلىق ھاياتىنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆتكۈزگەن ئاتىسى ئوسمان ئەپەندىممۇ ئۇنىڭ ھەر خىل قىزىقىشلىرىغا بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇنىڭغا بولغان ئىلھام-مەدەتلىرىنى ئايىمايتتى. يەنە بوش ۋاقىت تاپسىلا مۇختەرنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇپ بېرەتتى. مۇختەر بالىلىق چاغلىرىنى ئەنە شۇنداق قىزغىن ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوسمان ئەپەندىممۇ ئەينى زاماندا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەچكە، دائىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىلغار بىلىم يۇرتلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى قىلسا، مۇختەرمۇ «چوڭ بولغاندا ئاتامغا ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇيمەن» دېگەن ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئارزۇغا يېتىش ئىستىكىدە قاتتىق بېرىلىپ ئۆگەندى. ئۆزىنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدىلا ئىنگلىز تىلىنى پىششىق ئىگىلەپ ماڭدى. تەبىئىي پەنلەردىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن بولسا ئۇستازلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. ئۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۆز ئارزۇسى بويىچە 1999-يىلى بىر تۇتاش ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يەرشارى فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

ئۆز ئارزۇسىغا يەتكىنىدىن پەخىرلەنگەن مۇختەر ئۆيىدىكىلىرىنىڭ مەدەت، رىغبەتلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپتىكى ئوقۇش بېسىمىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ۋە كەسكىن ئۆگىنىش رىقابىتىگە تولغان بۇ مەكتەپ ھاياتى ئۇنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭدىن ئىرادىسىنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرمىدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئىلھام ئالدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇرۇندىنلا يېتىلدۈرگەن ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئادەتلىرىگە يەنە يېڭى تولۇقلىمىلارنى كىرگۈزدى.

ئۇ يەنە ئۆزىگە يېڭى نىشان قىلىپ بېكىتكەن چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، «GPA»، «TOEFL»، «GRE» نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇش كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ، ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا بۇ ئۈچ تۈردە ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىشنى باشلىدى. ئۇ كەچلىرى مۇزاكىرە ئۆيىدە سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلاتتى. بەزىدە قانچىلىغان تۈنلەرنى تاڭلارغا ئۇلىغىنىنى بىلمەيلا قالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يوللىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىسى بىلەن 2003-يىلى ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەيۋىس شۆبىسى (University of California, Davi)نىڭ ئاتموسفېرا ئىلمى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى (مەنمۇ ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقىدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى مۇشۇ مەكتەپتىن ئالغان). شۇ يىلى كۈزدە ئۇ كۆپتىن بېرى ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەلدە كەسىپ ئىگىلەش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.

ئامېرىكا تۇرمۇشىغا كۆنۈش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تىل ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. ئوقۇش داۋامىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە يازغان تەتقىقات ماقالىسىنى خەلقئارالىق كىلىمات ژۇرنىلىدا (International Journal of Climate) ئېلان قىلدى. ئۇ تەتقىقات ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش، ھەمدە شۇ كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچى-پروفېسسورلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مۇختەرنىڭ ماتېماتىكىدىكى ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا پەنلىرى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات جەريانىدىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىستاتىستىكا بىلىملىرىنى باشقا كەسپىي ساھەلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالدى. ئۇ ئۈچ يىللىق ماگىستىرلىق ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئىستاتىستىكا كەسپىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جەنۇبىي كارولىنا ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتى (North Carolina State University) ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن  دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىندى.

ئوقۇش جەريانىدا ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىلگىرىلىدى. دوكتورلۇق ئوقۇشى مەزگىلىدە ئۇ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن 200گە يېقىن ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى مەۋسۇم دەرس بەردى. ئوقۇش جەريانىدىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، فاكۇلتېت رەھبەرلىكى ئۇنى بىئولوگىيە كەسپى بويىچە تەتقىقات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان «Inspire» دورا تەتقىقات شىركىتىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ جەرياندا ئۆزلىرى ئىشلىگەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىمارلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى كېسەل ئازابىدىن خالىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مۇختەر ئۆزىنىڭ ئىستاتىستىكا بىلىملىرىنى دورىگەرلىك ساھەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇشتەك بۇ يولنى توغرا تاللىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئۇ ئىزدىنىش روھىنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرمىدى. ئۇنىڭ يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىستاتىستىكا نەزەرىيىسى ۋە قوللىنىش ژۇرنىلى (Journal of Statistical Theory and Practice)، بىئو دورا ئىشلەش ئىستاتىستىكا ژۇرنىلى (Journal of Biopharmaceutical Statistics) ۋە ھېسابلاش ئىستاتىستىكا ژۇرنىلى (Computational Statistics and Data Analysis) قاتارلىق خەلقئارالىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان مۇھىم ئىستاتىستىكا يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلاتمۇ بەردى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «Bayesian-noninferiority» سىناق ئۇسۇلى مېدىتسىنا ئىستاتىستىكا ساھەسىدە يارىتىلغان بىر يېڭىلىق دەپ قارالدى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان «Bernstein» كۆپ ئەزالىق يېقىنلاشتۇرۇشنى قوللىنىپ تۈزگەن ئاجىزلاش مودېلى «راك كېسەللىرى تەتقىقات ئانالىزىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن باھاغا ئېرىشتى. 2011-يىلى ئۇ ئەلا نەتىجىسى بىلەن 31 يېشىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى شەرىپىگىمۇ ئېرىشتى.

مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىنىمىز مۇختەر ئامېرىكا قان ۋە لىمفا راك كېسەللەر تەتقىقاتى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سېلجىن (Celgene) شىركىتىگە قوبۇل قېلىنىپ، دورا تەتقىقاتىدا ئىستاتىستىكا ۋە ماتېماتىكىنى قوللىنىشتەك ئەمەلىي خىزمەتكە رەسمىي ئاتلاندى. نەچچە يىللىق قىسقىغىنە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشتىن كېيىن، مۇختەر مېدىتسىنا ئىستاتىستىكا ساھەسىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىر خېلىلا پىشقان تەجرىبىلىك كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى. شۇ سەۋەبلىك مۇختەر ھازىرغىچە ئىچكى كېسەللەر ژۇرنىلى (Annals of Internal Medicine)، ھازىرقى زامان كلىنىكىلىق سىناقلىرى (Contemporary Clinical Trials) ۋە ۋاكسىنا ژۇرنىلى (Vaccine) قاتارلىق توققۇز ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرگە «تەستىقلىغۇچى مۇتەخەسسىس» (Reviewer) بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بەردى. سېلجىن شىركىتىدە ئىككى يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مۇختەر 2013-يىلى ئائىلىسى بىلەن كالىفورنىيە ئىشتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ، سان فرانسىسكودىكى ئەمجىن گۇرۇھى تارمىقىدىكى ئونىكىس (ONYX) شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشتى. ئونىكىسمۇ مۇختەر بۇرۇن ئىشلىگەن شىركەتكە ئوخشاش قان ۋە لىمفا راك كېسەللىكلىرىنى تەتقىقات  قىلىدىغان شىركەت بولغاچقا، مۇختەر بۇ يېڭى خىزمەت مۇھىتىغا تېزلا ئۆزلىشىپ، شىركەتنىڭ مۇھىم تەتقىقات تۈرىدە باشلامچى ئىستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مۇختەر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا خىزمەتداشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىستاتىستىكا بۆلۈمى يېڭى ئۇسۇل تەتقىقات ۋە لايىھە گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىلىك خىزمىتىگە تەيىنلەندى.

ئىنىمىز مۇختەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سانائەتلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى «چوڭ مەلۇمات» (Big Data) دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ئېقىم بۇلۇپمۇ كومپۇتېر بىلەن بىئو پەن-تېخنىكا (biotechnology) ساھەلىرىدە تېخىمۇ تېز چوڭىيىۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن شىركەتلەر مىليونلىغان يانفون ئابونتلاردىن يىغقان زور ھەجىمدىكى ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكا ئىلمىدىكى تۈرلۈك ئالگورىفمىلىق ھېسابلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقتا. بىئو پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىمۇ ئادەملەرنىڭ مىليونلىغان گېن ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ۋە داۋاسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، «ئۇچۇر ئىلمى مۇتەخەسسىسى» (Data Scientist)غا ئوخشاش يېڭى كەسىپمۇ بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى كەسىپ كومپيۇتېر ئىلمى بىلەن ئىستاتىستىكا پېنىنىڭ بىرىكىشى بۇلۇپ، ئۇنىڭدا كەسىپ ئەھلى بولۇش مۇئەييەن ئىستاتىستىكا نەزەرىيەسى ۋە «R»، «SAS»، «Python»، «Hadoop»، «NoSQL» قاتارلىق كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىنى پىششىق ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدىكى ئامېرىكا خىزمەت بازىرى بۇ جەھەتتە يېتىلگەن تالانت ئىگىلىرىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنىمىز مۇختەر ھازىر كەسىپ تاللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇشۇ جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەن مۇختەر ئۇكىمىز بىلەن ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە بىر قانچە سورۇنلاردا بىرگە بولدۇم. ئۇ ناھايىتىمۇ كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئاددىي، چىقىشقاق ۋە سەمىمىي بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كىشى ھەرگىزمۇ ئۇنى بىر يۇقىرى سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىس، دەپ ئويلىمايدىكەن. مەن بۇ ئىنىمىزنى بۇ قېتىم بىر قەدەر تولۇق تونۇدۇم. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.

تۆۋەندىكىسى دوكتور مۇختەر ئوسمان ئىنىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرغان ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكى:

 

Journal Articles:

 

[1] Osman M. and Ghosh S. K. (2012) Nonparametric Regression Models for Right-censored Data using Bernstein Polynomials. Computational Statistics and Data Analysis, 56, 559-573.

 

[2] Osman M. and Ghosh S. K. (2011) Semiparametric Bayesian Testing Procedure for Noninferiority Trials with Binary Endpoints. Journal of Biopharmaceutical Statistics, 21, 920-937.

 

[3] Osman M. and Ghosh S. K. (2010) Novel Bayesian Methods for Noninferiority Tests based on Relative Risk and Odds Ratio for Dichotomous Data. Journal of Statistical Theory and Practice, 4, 433-452.

 

[4] Grotjahn R. and Osman M. (2007) Remote Weather Associated with North Pacific Subtropical Sea Level High Properties. International Journal of Climatology, 27, 587-602.

 

 

Conferences:

 

[1] Evaluation of Bayesian Logistic Regression Model and 3+3 in a dose escalation study for combination drugs: a simulation study, Joint Statistical Meetings, Boston, MA, Aug 2014.

 

[2] A Noninferiority Testing Procedure based on Bayes Factor and Total Weighted Error Criterion, FDA-Industry Statistics Workshop, Washington, DC, Sep 2012.

 

[3] Bayesian Noninferiority Testing based on Total Weighted Error Criteria, Fourth Annual Bayesian Biostatistics Conference, MD Anderson Cancer Center, Houston, TX, Jan 2011.

 

[4] Nonparametric Regression Models for Right-censored Data using Bernstein Polynomials, ENAR Spring Meetings, New Orleans, LA, March 2010.

 

[5] Semiparametric Bayesian Testing Procedure for Noninferiority Trials with Binary Endpoints, Joint Statistical Meetings, Washington, DC, August 2009.

 

ھازىر بىز بۇ يىلقى ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. دىنىمىزدىكى چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمانلار جەننەتكە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئېرىشەلمەيدۇ. بەلكى جەننەتنى ئاللاھ ئۆزى تاللىغان بەندىلىرىگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئاشۇ كىشىلەرنى تاللىغاندا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئىككى ئۆلچەم بار. ئۇنىڭ بىرى تەقۋادارلىق (ئىبادەت). يەنە بىرى بولسا گۈزەل ئەخلاق. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گۈزەل ئەخلاق كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نامايان بولىدىغان بولۇپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» ئۆزلىرى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلارنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ياش ئەۋلاتلىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە بىر ياخشى تەقدىرگە ئېرىشىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىقمۇ ئۆزىدىكى بىر خىل گۈزەل ئەخلاقنى نامايان قىلالايدۇ.

 

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى

 

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] http://whatwillmatter.com/2015/06/must-read-poster-quote-1-06-17-15/

 

[2] http://whatwillmatter.com/2015/06/must-read-quote-poster-2-06-18-15/

 

[3]  “Refuse To Be Afraid”

 

http://whatwillmatter.com/2013/05/commentary-830-1-refuse-to-be-afraid/

 

[4] http://whatwillmatter.com/2015/06/must-read-poster-quote-2-06-17-15/

 

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150626_chetel_uyghur16.htm?fbclid=IwAR3dPQSRIYnbB4vztjo9j83QHy8giFLPma-ECghhm-jQBYUXQjan6LqYjg0

بۇ خەۋەر 8918 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2020 02:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق