ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاي پاي چېكى بازىرىغىمۇ كۈچىنى كۆرسەتتى

ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىدا قاتتىق چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ چاغان مەزگىلىگە ئۇدۇل كېلىشى سەۋەبلىك بايراملىق دەم ئېلىشىنى يەتتە كۈندىن ئون كۈنگە ئۇزارتقان. ئون كۈندىن بۇيان تاقالغان خىتاي پاي چېكى بازىرى دۈشەنبە قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن بىراقلا %8تىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن.
خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەۋرىنىش باشقا دۆلەتلەرنىڭ پايچېكى بازىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئەمما خىتايغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەش نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئاساسەن مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان.
ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاينىڭ بارلىق ئىشلەپقىرىش، سودا ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بىرىنچى پەسىللىك GDP (جى دى پى) ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ %5كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 496 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2020 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق