خىتايلار پۈتۈن دۇنيادا چەتكە قېقىلماقتا

ۋۇخەندىكى ۋابانىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تارقىلىشى ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سارس مەزگىلىدىكىلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرغان بولۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان شىمالىي كورىيە ئەڭ بۇرۇن خىتايغا ئىشىكىنى تاقىغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈزىگە كاچات ئۇرغان.
مالايشىيا 27-يانۋار بەلگىلىمە چىقىرىپ، خۇبېي ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ۋە يېقىندا يەنە خۇبېيغا بارغان كىشىلەرنىڭمۇ كىرىشىنى چەكلىگەن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا ۋىزىسىز كىرىش بەلگىلىمىسىنى 7-ئايغىچە توختىۋەتكەن بولۇپ، 30-يانۋار يەنە خىتاي پۇقرالىرىغا ۋېزا بېرىشنى توختاتقان، شۇنداقلا خىتايغا بارىدىغان تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختاتقان.
فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ 29-يانۋار خىتايلارغا ۋېزا بېرىشنى توختاتقان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 30-يانۋار ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەلقئاراغا ئاممىۋى ساغلاملىق خەۋپى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان.
ئىتالىيە 31-يانۋار جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ يېرىم يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى، خىتاي-ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە 1-فېۋرالدىن باشلاپ بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە خۇبېيغا بارغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ۋە خۇبېي نوپۇسى بولغان كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىگەن.
ئۆبېكىستان ۋە تۈركىيەلەرمۇ خىتايغا ماڭىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىۋەتكەن.
بۇلاردىن سىرت يەنە 40 نەچچە چېگرادىن كىرگەن خىتايلاردىن سالامەتلىك ئەھۋالى دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ۋە ھەممىسى چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتايلارنىڭ ۋابا تارقالغاندىن كېيىنمۇ كۆپلەپ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتايلارغا قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەن. بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى پۇقرالار ھۆكۈمەتتىن بارلىق خىتايلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەشنى، كەلگەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقان.
يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە ھىدونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى خەلق ماسكا تاقاپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ساياھەتكە كەلگەن خىتايلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمەتتىن خىتايلارنىڭ كېلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
باشقا دۆلەتلەردىمۇ ساياھەتكە بارغان خىتايلار يەكلەشكە ئۇچرىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆزنى قاچۇرۇشقان ھەتتا تىل-ھاقارەت ياغدۇرغان. باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن تاختىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇلاردىن سىرت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايلارنىڭ تۈرلۈك يىرگىنىشلىك جانلىقلارنى تىرىك يەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، كىشىلەر خىتايلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن.

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2020 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق