خىتاي ۋابا مەزگىلىدە نومۇسسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

خىتاي ۋابا مەزگىلىدە نومۇسسىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇ قىلمىشىدىن قىلچە ۋاز كەچمىگەن.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ گىلېئاد (GILEAD) ئىلىم-پەن شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان رېمدېسىۋىر (Remdesivir) ناملىق دورا ئامېرىكىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشىگە ئىشلىتىلىپ، ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر شىركەت بۇ دورىنى خىتاينىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىگەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى ۋە خىتاي ھەربىي قىسىم تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېزلىكتە بۇ دورىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنىۋالغان.
مەزكۇر دورا ۋىرۇسقا قارشى دورا بولۇپ، ئەسلىدە ئېبولا ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن. ھازىرمۇ تەتقىقات باسقۇچىدا بولغاچقا، ھېچقايسى دۆلەتتە تېخى رەسمىي تەستىقلانمىغان.
خىتاي تەتقىقاچىلىرى بۇ دورىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى ھەققىدىكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، رەسمىي تەستىقلىنىشىغا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەگەر تەستىقتىن ئۆتسە مەزكۇر دورىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان گىلېئاد شىركىتى خىتايدا بۇ دورىسىنى سېتىش ئۈچۈن زور مىقداردا پاتېنت ھەققى تاپشۇرىدىكەن.
خىتاينىڭ ئالاقىدار شەخسلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى، مەيلى تەستىقلانسۇن، تەستىقلانمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ پاتېنتقا ئىلتىماس سۇنۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 658 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2020 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق