ۋۇخەن ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا ماسكا قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ۋۇخەن ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا ماسكا قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
خىتايدا تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق تارقىلىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولغان ماسكىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بى بى سى (BBC) تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، گەرچە پۈتۈن دۇنيادىكى ماسكىنىڭ %50ى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، ئەمما غايەت زور نوپۇس سەۋەبلىك ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كۈندىلىك ماسكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىليون تال ئەتراپىدا ئىكەن، ئەمما خىتايلارنىڭ ۋابا مەزگىلىدىكى كۈندىلىك ئېھتىياجى ئىككى مىليارد تالدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
بۇ سەۋەبلىك خىتايلار كۈنلەپ ئۆچىرەت تۇرۇپمۇ ماسكا سېتىۋالالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم دورىخانىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماسكىلارنى نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى باھادا ساتقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرى باھا ئۆستۈرۈۋالغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتايلار ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن چەتئەلدىن زور مىقداردا ماسكا يۆتكەشكە باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئەنگلىيە، كورىيە، پورتۇگالىيە ۋە تايلاند قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ماسكىلار پۈتۈنلەي خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇقدىۋېتىلگەن. باشقا دۆلەتلەردىمۇ ماسكا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللانغان بولۇپ، 24-يانۋار يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتايغا ماسكا ئېكسپورت قىلىشنى بىر ئاي چەكلىگەن. شۇنداقلا قانۇنسىز يۆتكەلگەن ماسكىلارنى يىغىۋالغان.

بۇ خەۋەر 742 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2020 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق