خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى
بۈگۈن ئەتىگەن خىتاي خۇانەن يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتىدا گەرچە تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەسلى مەنبەسى شەپەرەڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بىۋاسىتە يۇقۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ قىش مەزگىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان مەلۇم ھايۋاننىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتايلار ئاساسلىق ئىستېمال قىلىۋاتقان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى تەكشۈرگەنلىكىنى، نەتىجىدە تاغتېشەرنىڭ بەدىنىدە تاجىسىمان ۋىرۇسنى بايقاپ چىققانلىقىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ گېن تۈزۈلۈشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن %99 ئوخشىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئارىلىقتىكى ۋىرۇس تارقاتقۇچىنىڭ تاغتېشەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئوخشىمىغان پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتا خىتايلارنىڭ شەپەرەڭگە ئوخشاش يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يېگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايلار خەلقئارادا كۆپلىگەن تەنقىد ۋە مەسخىرىلەرگە ئۇچرىغان. ئۇندىن باشقا بۇ ۋىرۇسنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياساپ چىققانلىقى، ئەمما بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن سىرتقا تارقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قاراشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2020 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق