ياپونىيە پاراخوتىدا 41 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى
7-فېۋرال كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئايرىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان يولۇچىلار پاراخوتىدا يۇقۇملانغۇچىلار 41 كىشىگە يەتكەن.
خەۋەردە 4-فېۋرال يوكوخاما پورتىدا ئايرىپ كۆزىتىلىشكە باشلىغان يولۇچىلار پاراخوتىدا جەمئىي 3700 كىشى بار ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 41 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە 21 ياپونىيەلىك، سەككىز ئامېرىكىلىق، بەش ئاۋسترالىيەلىك، بەش كانادالىق، بىر ئارگېنتىنالىق ۋە بىر ئەنگلىيەلىك بار ئىكەنلىكىنى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ توكيو، سائىتاما، چىبا ۋە كاناگاۋادىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.