خىتايلار يېرىم تۈرمە ھالىتىدە باشقۇرۇلماقتا

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان.
نۆۋەتتە خىتايدا تۈرلۈك يىغىلىش، توپلىشىپ تاماق يېيىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، پۇقرالار ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلغان. بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك تەشۋىقاتلارمۇ كۈچەيتىلگەن.
مەلۇم بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىدىن چىقىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ھەر ئىككى كۈندە بىر ئائىلىدىن پەقەت بىرلا كىشى ۋاكالىتەن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ يەتتە كۈن قاماپ قويىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ئالاھىدە ئىشلار بىلەن سىرتقا چىقىدىغانلارمۇ مەخسۇس جەدۋەلنى توشقۇزۇپ، ئىلتىماس سۇنىدىغان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن چىقىدىغانلىقى، قانچىلىك ۋاقىت چىقىدىغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلارنى تولۇق يېزىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ۋابا مەزگىلىدە يەنە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىرۇس ھەققىدە قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتقانلارنىڭ، ۋابا مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ ئېغىرلىتىپ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈرلۈك چەكلىمىلەر خىتاي پۇقرالىرىغا روھىي بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. بۇلاردىن سىرت بىر قىسىم خىتايلارنىڭ لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسى، تۇتقۇچ قاتارلىق جايلارغا تۈكۈرۈكىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتەك بىنورمال ھادىسىلەرمۇ كۆپلەپ ئاشكارىلانغان بولۇپ، چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2020 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق