ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېزلىكتە ئاشماقتا

9-فېۋرال خىتاي سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 812گە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 37198 گە يەتكەن.
خىتاي سەھىيە كومىتېتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بارغانسېرى خەۋپلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ 812گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ 37198گە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن 6188 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، يۇقۇم بىلەن گۇمانلانغانلارنىڭ 28942گە يەتكەنلىكىنى، يۇقۇملانغانلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك نازارەتتە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ 188 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىلگىرى يۈز بەرگەن سارس ۋاباسىدا ئۆلگەنلەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 481 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2020 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق