ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش يۈز بېرىشى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.

مالىيە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇغۇرتا شىركىتى بولغان AXA گۇرۇھى بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %4 كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا خوڭكوڭ، تايلاند، سىنگاپور قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى، ۋىرۇس سەۋەبلىك ھاۋا قاتنىشى توختىتىلغاچقا، خىتاينىڭ ساياھەتچىلىرىگە بېقىنىپ قالغان ئاسىيادىكى بۇ كىچىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېغىر زەربىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ قوبۇل قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ %80ى، كورىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر قوبۇل قىلدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ %30ى خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇچرايدىغان تەسىرى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقئارادىكى  ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش   لىنىيەسى: 05524995595

 

بۇ خەۋەر 434 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2020 20:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق