خىتاي دائىرىلىرى ۋابا مەزگىلىدە ئۇچۇر كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

خىتاي دائىرىلىرى ۋابا مەزگىلىدە ئۇچۇر كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
خىتايدىكى ۋابانىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن خەلقكە قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچۇر، مەلۇماتلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە.
گەرچە يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى خىتاي تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى قاتتىق توسىغان.
خىتاي تەۋەلىكىدە، جۈملىدىن ۋۇخەن تەۋەسىدە دوختۇرخانىلار، دوختۇرلار يېتىشمەي، نۇرغۇنلىغان پۇقرالار ئۆز ئۆيىدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقان ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەزىيەتنى بۇرمىلاپ، بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۈتۈنۈشكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.
يېقىندا ۋۇخەنگە بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىۋاتقان خىتاي پائالىيەتچىسى چېن چيۇشىنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېن چيۇشى نۆۋەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ مەلۇم شەرتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىملار ئۇنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىق باھانىسى بىلەن كۆزدىن يوقىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2020 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق