ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالماقتا

ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا تارقالغان ۋابانىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشقا باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا يۇقۇملانغانلار 43مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۆلگەنلەر مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۆلگۈچىلەرنىڭ %96ى ۋۇخەن شەھىرىدىن چىققان. بۇ سەۋەبلىك ۋۇخەندىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا سەھىيە بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋۇخەندە دەسلەپكى مەزگىلدە يۇقۇملانغان 138 كىشىنىڭ %30ى دوختۇر-سېسترالار ئىكەن. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ نىسبەتكە ئاساسلىنىپ، ۋۇخەننىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئۇزاققا قالماي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تەنتەربىيە زالى قاتارلىق چوڭ زاللاردا ۋاقىتلىق كارىۋات ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جايلاردا ھېچقانداق داۋالىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، كىرگەنلەرنىڭ پەقەت ئۆلۈمىنى كۈتۈپ ياتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 502 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2020 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق