خىتايدا خەلقنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەكلىپى تەستىقلاندى

خىتايدا خەلقنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەكلىپى تەستىقلاندى

12-فېۋرال جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە ھەر قايسى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئورگانلارنى سەپەرۋەر قىلىش تەييارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغان.

تەلەپتىكى تەپسىلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېندىكى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرگە ھەرقايسى شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى، شۇنداقلا ئۆيلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، كارخانىلارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى بېرىلگەن.

خەۋەردە گۇاڭجۇ شەھەرلىك كېڭەشنىڭ يەنە تۈرلۈك ياۋايى ھايۋان سودىسىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئاپەتنىڭ مەركىزى خۇبېي ئۆلكىسىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان جاي خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونلىرى ئىكەنلىكى، شېنجېندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 375كە، گۇاڭجۇدا 317گە ئۆرلىگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1368كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 44653كە يەتكەنلىكى، بۇلاردىن 8204 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 905 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2020 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق