ئومۇمىيۈزلۈك ماسكا تاقاش خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىغا توسالغۇ ئېلىپ كەلدى

خىتايدا تارقالغان ۋابا سەۋەبلىك بارلىق پۇقرالارنىڭ ماسكا تاقاپ يۈرۈشى خىتاينىڭ زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ چىققان چىراي تونۇش سىستېمىسىغا يېڭى توسالغۇ ئېلىپ كەلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كۇاڭشى پەن-تېخنىكا شىركىتى ماسكا تاقىغانلارنىڭ چىرايىنى تونۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تېخنىكا تەتقىقاتى ئۈچۈن خىتاي بانكىسىغا ئون نەچچە مىليون دوللارلىق قەرز ئىلتىماسى سۇنغان.

نۆۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ياكى ۋاكسىنىسى يوق بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. شۇنداقلا بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ۋابا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمە ۋە ئېھتىياتچانلىق تۈپەيلىدىن خىتايلارنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە ئەقلىي ئىدراكلىق چىراي تونۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

كۇاڭشى شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما شىركەت تەرەپ بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ پەقەت پۇقرالارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يىراقتىن ئۆلچەشكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، باشقا غەرىزى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 00:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق