شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى قامال قىلىش ھەققىدە جىددى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى قامال قىلىش ھەققىدە جىددى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى

13- فېۋرال شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا قاراشلىق شىنخۇا كەنت كومىتېتى رايوننى قامال قىلىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

«ۋىروسنى ئۈنۈملۈك كونترور قىلىش ئۈچۈن، 14-فېۋرال سائەت 0:00 دىن باشلاپ باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. رايونغا كىرىپ بولغان شەخس ۋە ماشىنىلارغا نىسبەتەن بىنا باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنى كەلگەن يېرىگە قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئىجازەتنامسى بولمىغانلارنىڭ  كىرىش – چىقىشى بىردەك چەكلىنىدۇ. »

شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئورگان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە،  مەزكۇر رايوندا ۋۇخەن ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 56 گە يەتكەن. شاڭخەي شەھىرى بويىچە ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 315 گە، ئايرىم كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 1411 گە يەتكەن.  شۇ سەۋەبلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلىپ رايونغا  كىرىش- چىقىش  چەكلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595  

بۇ خەۋەر 1013 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق