ۋابادا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى گۇمانلار تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ۋۇخەن شەھىرىدىكى دەپنە قىلىش مەركىزىنىڭ جىددىي خىزمەتچى ئېلىش ئېلانى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 64 مىڭغا، ئۆلگەنلەر 14 مىڭغا يېقىنلاشقان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ چوقۇم ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 بۇندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ۋۇخەن شەھىرىدىكى مەلۇم دەپنە قىلىش مەركىزى ئادەم كۈچى يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا 20دىن ئارتۇق جەسەت توشۇيدىغان خىزمەتچىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، سائەتلىك مائاشىنىڭ مىڭ سوم بولىدىغانلىقى، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ يۈرەكلىك، كۈچلۈك بولۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا ھەركۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگۈچىلەر پەقەت نەچچە ئون كىشى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەت بىر دەپنە قىلىش مەركىزىنىڭلا بۇنچىلىك كۆپ خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق بولۇشى ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ غايەت زور تۈركۈمدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق