خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايغا كىرىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ داۋاسى تېپىلماستىن ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن ۋە خەلقئاراغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە ۋە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ مۇتەخەسسىستىن تەشكىل تاپقان تۇنجى تۈركۈم ھەيئىتى تۆت كۈن بۇرۇن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان. ئەمما خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ھەيئەتنىڭ تۆت كۈندىن بېرى ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى، ئالاقىدار ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىمۇ ئېلان قىلمىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى بىۋاسىتە ياردىمىنى كەينىگە سوزۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ياردەم ھەيئىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئەمەلىي ساننى ئېنىقلاش، خالىغان جايغا بېرىش قاتارلىق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ۋابا مەركىزى بولغان خۇبېيغا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلىپ، بۇ مەسىلىگە گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئامېرىكا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش تەلىپىنىمۇ قايتا-قايتا رەت قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ياردەمنى رەت قىلغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى يوشۇرۇش قىلمىشىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 650 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2020 20:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق