خىتايدا ۋاباغا قوشۇلۇپ قۇش ۋە ھاشارات ئاپىتى يۈز بەردى

خىتايدا ۋاباغا قوشۇلۇپ قۇش ۋە ھاشارات ئاپىتى يۈز بەردى
ئۆتكەن يىلى خىتايىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاباسى باشلانغاندىن بېرى ۋىرۇس بىلەن بىرگە پاشا ۋە قاغىلار ئادەتتىن تاشقىرى كۆپىيىپ، خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.
تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە توپ-توپ ئۇچۇشۇپ يۈرگەن قاغىلار كۆپىيىپ كەتكەن. يەرلىك كىشىلەر قاغىلارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا توپلىشىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدە، بولۇپمۇ خۇبېي، بېيجىڭ قاتارلىق بىر نەچچە شەھەردە قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي پاشا كۆپىيىپ كەتكەن. بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى پاشىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سىنلارنى تارقىتىپ، ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم كۆۋرۈك ئاستى ۋە يول ياقىلىرىدا پاشىلارنىڭ ئاددەتتىن تاشقىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، ئادەتتە بىيجىڭنىڭ قىش مەزگىلىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
كۆزەتكۈچىلەر ۋىرۇستا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالغانلىقى سەۋبلىك قاغىلارنىڭ كۆپىيىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرغانلىقىنى، ھەتتا ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغان خىتايلارنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2020 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق