گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى 13-فېۋرال يېڭى 16 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن خۇاۋېي شىركىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.
شىكايەتتە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكىنى، ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون ئالاقە تورى، ماشىنا ئادەم قاتارلىق ئالىي تېخنىكىلارنىڭ ئەسلى كودىنى ئوغرىلىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
شىكايەتتە يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەخپىيەتلىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش، خىزمەتچىلەرنى بۇرۇن ئىشلىگەن شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلاش ۋە مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىتىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
56 بەتلىك بۇ شىكايەتنامىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يەنە شىمالىي كورىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، ئامېرىكىنىڭ جازالاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خۇاۋېي شىركىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رىقابەتتە ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.