خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سەۋر قاچىسى توشتى

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركۈملەپ ئۆلۈشى ۋە ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنىشى نەتىجىسىدە خىتاي پۇقرالىرى ئېغىر روھىي بېسىمنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، سەۋر-تاقىتى توشقان بىر قىسىم پۇقرالار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە باشلىغان.

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋۇخەنلىك بىر خىتاي ئايالنىڭخىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سۆز قىلغان ۋىدىيوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالغان. ئۇ خەتەرگە قارىماستىن تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلغان:

«ۋۇخەندىكى ۋابا بولسا پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا تارقىتىلغان. ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ پۇت تېپىشىشى ئارقىسىدا ئۆلگەنلەر يەنىلا بىز ئاددىي پۇقرالار بولدۇق. مېنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئۆيدە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىدۇ. ھېچكىم بىزدەك ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. پۇل بولسىمۇ دورا سېتىۋالغىلى، بالنىستتا ياتقىلى بولمايۋاتىدۇ،

مەن خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايمەن، تەيۋەن، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنىمۇ قوللايمەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىڭلار!

چىرىك ھاكىمىيەت ۋە رەزىل جەمئىيەتتە ھېچكىم ئەركىن سۆز قىلالمايدۇ. ئەگەر بىرەرسى قالايمىقان سۆزلەپ قالسا، ساقچىلار چاقىرىپ ئەكېتىدۇ، تۇتقۇن قىلىدۇ، تۈرمىگە تاشلايدۇ. قانۇننى خەلق تۈزمەيدۇ، بەلكى ئۇلار بېكىتىدۇ. ئۇلار قانچىلىك كېسىمەن دېسە، شۇنچىلىك كېسەلەيدۇ. ئادۋوكاتلارمۇ كېرەككە كەلمەيدۇ. ھەق تەرەپتە تۇرغان ئادۋوكاتلار تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. رەزىل ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرۇشى سەۋەبلىك ھېچكىم ھەق گەپ قىلالمايدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر قۇربان بولۇشى مۇمكىن. ئىنقىلاب دېگەندە چوقۇم قان تۆكۈلىدۇ. مانا مەن ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەركىن ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىمەن، قۇربانلىق بېرىمەن.

مەن بۇ گەپلەرنى قىلىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما مەن قەتئىي چىداپ بولالمىدىم. دوختۇرخانىلار بىمارلارغا توشۇپ كېتىگلىك. ئەمما بىكار كارىۋات يوق، دورا-ئوكۇل يوق. تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرى بولسا پۈتۈنلەي يالغان.

مەن ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن، ۋۇخەن خەلقىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن خىتاي خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاۋاز چىقىرىمەن.»

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
16/02/2020 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق