خىتاي: تۈركلەر خىتايلارنىڭ ئۆلۈشىدىن خۇشال بولۇۋاتىدۇ

خىتاي: تۈركلەر خىتايلارنىڭ ئۆلۈشىدىن خۇشال بولۇۋاتىدۇ

خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش ئەلچىخانىسى تۈركىيە ۋە خىتاي سودا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ سۇڭفىڭ «تۈركلەر خىتايلارنىڭ ئۆلۈشىگە كۈلۈۋاتىدۇ»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

خۇاڭ سوڭفىڭ جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ ۋابا سەۋەبلىك ئۆلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ ئەھۋالىدىن خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىگە ياراشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايدا تارقالغان ۋابا سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتايلارنى يەكلەش، مازاق قىلىش، گۇناھسىز ھايۋانلارنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتتى دەپ ئەيىبلەش، خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى مەسخىرە قىلىش قاتارلىق كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيە خەلقى ئىچىدە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ 20 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى مېھماندوست ۋە ئىنسانپەرۋەر ئىكەنلىكىنى، پەقەت خىتايدا تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ۋابادا ئۆلگەن خىتايلار سەۋەبلىك تۈركلەرنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان خەۋەرلەرنىڭ توختىماي چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 510 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق