خىتايدا يەنە يېڭى ئاپەتلەر كۆرۈلدى
17-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلارنىڭ تۈركۈملەپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قوشۇلۇپ باشقا ئاپەتلەرمۇ خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
مەزكۇر سىنلاردا كۆرسىتىلىشچە، تۈنۈگۈن كېچىدە خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە قارا بوران چىقىش بىلەن بىرگە قاتتىق چاقماق چېقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. خىتايلارنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بوران سەۋەبلىك خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق خو شىنشەن دوختۇرخانىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ۋۇخەندە چاققان چاقماق خىتايلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە يازغان ئۇچۇرلىرىدا بۇ ھادىسىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595