خىتاي: ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكا پەيدا قىلدى

خىتاي: ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكا پەيدا قىلدى

17-فېۋرال زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكىغا دۆڭگەپ، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىدىكى خاتالىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىغان.

خەۋەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن بىر پەيتتە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ۋە خوڭكوڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنى ئامېرىكا تارقاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە «غەربىي قۇرۇقلۇق تورى» 26-يانۋار ئېلان قىلغان ماقالىدە ۋۇخەندە تارقالغان ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان بىيوخىمىيەلىك ھۇجۇمى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى «ئامېرىكا قىلغان ھۇجۇم» دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاشكارىلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ۋىرۇسنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ياخشى تەدبىر قوللانماي، ۋىرۇسنىڭ تېزلىكتە تاراپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشتەك خاتالىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە بۇراش تاكتىكىسىنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلگەن خىتايلارنى ئامېرىكىغا باغلاپ، «ۋىرۇس ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قىلغان ھۇجۇمى» دەپ تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىنى خىتايدىكى بارلىق مەكتەپ ۋە ئورگانلاردا قانات يايدۇرغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 599 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2020 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق