خىتايدىكى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر
18-فېۋرال ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولىشىچە، خىتايدا ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى كوچىلاردا تاشلىنىپ قالغان.
ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەن خىتايلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان سىن 30 سېكۇنتلۇق بولۇپ، سىندا بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا ئۆتۈپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا 15 ئەتراپىدىكى جەسەتنىڭ دۇكان ئالدى ياكى بىنا ئالدىدا تاشلىنىپ قالغانلىقىنى، جەسەتلەرنىڭ بىر قسىمى ئاق رەختتە، بىر قسىمى ھاۋارەڭ رەختتە ئورالغانلىقى، جەسەتنىڭ يېنىدا بىرەر ئادەمنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىن خىتايىدىكى ۋىروستا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە تارتقاندەك 1800 ئەمەسلىكى، ۋىرۇس بايقىلىپ 15 كۈن بولغاندا بىر دوختۇرنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ[ ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ خىتاي كوممۇنىست تەشۋىقاتلىرىدا خەۋەر قىلغىنىدەك ئەمەس 90 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ بولغانلىقىنى] ئاشكارىلىغان خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595