خىتايدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

خىتايدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

20- فېۋرال خىتاي سىنا تورىدا خىتايدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 74679 غا يەتكەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2122 گە، كۆزىتىشكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى 4722 گە يەتكەنلىكى، ئۇلار ئىچىدە يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغىنى خۇبىي ئۆلكىسى بولۇپ، خۇبىي ئۆلكىسىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 62031 گە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2029 غا، كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 10504 گە يەتكەنلىكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1332 گە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 گە، كۈزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 642 گە يەتكەنلىكى، خېنەن ئۆلكىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 27 ئۆلكىسىدە يۇقۇملىنىشنىڭ تەدرىجى كۆپىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرى ئىچىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋال ئەڭ تۆۋەن بولغان ئۆلكە چىڭخەي بولۇپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 18 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە خىتايدىكى ۋىرۇس ئاپىتىنىڭ يامراش ئەھۋالى خىتايدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ئەڭ تىز بولغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 434 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2020 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق