شى جىنپىڭنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر تارقالدى

شى جىنپىڭنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر تارقالدى
20-فېۋرال خىتاي دېموكراتچىلىرى يۇتيۇبتا «بېيجىڭنىڭ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش دەرىجىسى ۋۇخەننىڭ دەرىجىسىگە يەتتى» تېمىسىدا سىن تارقىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر سىندا يېقىندا ۋۇخەنگە تەكشۈرۈشكە بارغان بىر ئەمەلدارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئسپاتلانغانلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى سەي چىنىڭ ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەن ئەمەلدار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭمۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سەي چى ئائىلىسىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئاللىبۇرۇن ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
سىندا يەنە سەي چىنىڭ ئايرىپ تەكشۈرۈلۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشۈپ، بېيجىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭمۇ ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئومۇملاشتۇرغاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كوممۇنىست پارتىيەسىنى تەشۋىشلەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ خەۋەر 466 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2020 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق