ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى

ب ب س تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى بىر نەچچە تۈرمىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ، خۇبېي ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بەش تۈرمىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، 512 كىشى يۇقۇملانغان. بۇ كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملىنىش بىر نەچچە خىتاي ساقچىنىڭ ئۆز كېسىلىنى يوشۇرۇپ، داۋاملىق خىزمەتكە كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە ئالاقىدار مەسئۇل ئەمەلدار خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلىش، پۇقرالارنى ئۆيىدىن چىقارماسلىق قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق ۋەقە خىتاينىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىدىكى يوچۇقلارنى ئاشكارىلاپ قويغان.
خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىشى جازا لاگېرىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ خەلق ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، داۋالاش شارائىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان جازا لاگېرلىرىدا ۋىرۇس تارقىلىپ كەتسە، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق چاقىرىقلار داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 398 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2020 00:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق