خىتايلارغا قارشى ئۆچمەنلىك بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كېتىشى ئارقىسىدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىشى ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قېلىشى سەۋەبلىك خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىك كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ پولتاۋا ئىشتاتى نوۋى سانجارى رايونىدىكى پۇقرالار 20-چېسلا نامايىش قىلىپ، 70تىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنىڭ بۇ رايوندا ئايرىپ تەكشۈرۈلۈشىگە قارشى چىققان.

نامايىشچىلار يوللارنى توسۇپ، بالونلارنى كۆيدۈرۈپ، خىتايلارنىڭ كىرىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان، ھەتتا خىتايلارغا قارىتىپ تاش ئاتقان.نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ بىر نەچچە سائەتلىك توقۇنۇشىدىن كېيىن، خىتايلار ئاخىرى ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىغا كېلىۋالغان.

ئۇندىن باشقا 19-فېۋرال رۇسىيەدە بىر خىتاي ئىشلەمچى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغانلىقى، ئەمما كېسەل ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى ئاشكارىلانغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بولغان-بولمىغانلىقى ۋە باشقا خىتاي ياتاقداشلىرى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىتالىيەدىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ بىر قىسىم خىتاي دۇكانلىرىنى بۇزۇپ-چاققانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر تارقالغان.

بۇ خەۋەر 530 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 08:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق