نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: ئەبەيدۇللاھ ئابدۇۋەلى

ئەبەيدۇللاھ ئابدۇۋەلى

(چەتئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

ئىنىمىز ئەبەيدۇللاھ ئابدۇۋەلى 1969-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر ئاددىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ خىتايچە تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. ئىككى يىللىق تەييارلىق كۇرسىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئېلىپ مېڭىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئەبەيدۇللاھ 1993-يىلى نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتايدىكى نېفىتلىكتە قېلىپ قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. شۇ يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى» قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1997-يىلىغىچە تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەترەتتە گېئوفىزىك (geophysicist)، گېئوفىزىكا بۆلۈم باشلىقى، ۋە ئەترەتنىڭ تېخنىكا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

 1997-يىلى باھار ئايلىرىدا ئەبەيدۇللاھ نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقات مەركىزىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، گېئوفىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، مۇھىم نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 2000-يىللىرى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. 2001-يىلى ئەبەيدۇللاھ كەسپىي ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى گېئوفىزىكا تەتقىقات باشقارمىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللاھ بۇ تەتقىقات مەركىزىدە سۇدان، ئەزەربەيجان، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نېفىتلىكلەرنىڭ گېئوفىزىكا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2002–يىلى ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ باش گېئوفىزىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، باكۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلدى. ئەبەيدۇللاھ ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى.

ئەبەيدۇللاھ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بولسۇن، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. 2002-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان TOEFL ۋەGRE  ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2005-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، گېئوفىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلىنىڭ 9-ئايلىرىدا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى باكېرخيۇس (BakerHughes) نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ باكېرخيۇستا قۇدۇق گېئوفىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006–يىلى ئاناداركو نېفىت شىركىتىنىڭ ھيۇستوندىكى تەتقىقات مەركىزىگە قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ مەركەزدە گېئوفىزىكا تېخنىكىسى ئارقىلىق شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت چارلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. گانا (Ghana) ۋە موزامبىك (Mozambique)تىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەبەيدۇللاھ 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز شىركىتىنىڭ مېكسىكا بوغۇزى باشقارمىسىدا چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت چارلاش، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش ۋە نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150227_chetel_uyghur2.htm?fbclid=IwAR22WOjBBEPbN_Am7Qo-ZG9YilY5qj3GSLaAHT0_6rfauPtiOIWVgI_vKd8

بۇ خەۋەر 9684 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 08:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق