ۋۇخەن قىسقا مۇددەت ئېچىۋېتىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر ئايدىن ئارتۇق ئۈزۈل-كېسىل تاقالغان ۋۇخەن شەھىرى 24-فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاھىدە سەۋەبى بولغان كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، ئىلتىماس سۇنغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق مەركىزى قايتىدىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئالدىنقى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئالماستىنلا ئېلان قىلىنغانلىقىنى، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن خاتا تارقىتىلىپ قالغانلىقى ياكى خىتاينىڭ باشقا مەقسىتى بارلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 559 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 09:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق