خىتاي ۋابا سەۋەبلىك ئىككى يىغىنىنى كېچىكتۈردى

خىتاي ۋابا سەۋەبلىك ئىككى يىغىنىنى كېچىكتۈردى
ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 24-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەردە خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىككى يىغىننى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلىشىنىڭ مۇھىم سىياسى ۋەقە ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن بېرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىيەت ئاستىدا قالغانلىقى، شى جىنپىڭ ئىككى يىغىننى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق تەۋرەپ قالغان ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىن يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان 3000 كوممۇنىستنىڭ 1/3 قىسمى ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنى كونترول قىلىدىغان ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلار يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بېرى 2600گە يېقىن خىتاي ئۆلگەن، 77 مىڭ كىشى يۇقۇملانغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق كىرىزىس ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقىنىڭ، ئىچكى ئىختىلاپنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى: 05524995595

بۇ خەۋەر 496 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2020 18:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق