خىتاي ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش ئادىتىنى تۈگىتىش قارارىنى ماقۇللىدى

خىتاي ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش ئادىتىنى تۈگىتىش قارارىنى ماقۇللىدى

24-فېۋرال خىتاي مەركزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئورگەن تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 13-خەلق قۇرۇلتىيى 16-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، ياۋايى ھايۋان سودىسىنى چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش ئادىتىنى تۈگىتىش قارارى ماقۇللانغان.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ۋۇخەن شەھىرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى، دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ يېمەكلىك مەدەنىيىتىگە بولغان نارازىلىق سادالىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتىكى يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

ئەمما بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ تەجرىبىخانىلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ قاراش ھازىرچە ئېنىق دەلىللەنمىگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش لىنىيەسى05524995595

بۇ خەۋەر 437 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2020 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق